ھاماس ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا <تەكلىپ> تاپشۇرۇۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇھاسىرەسى ئاستىدىكى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا خەلقئارالىق تەكلىپ تاپشۇرۇۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

2114942
ھاماس ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا <تەكلىپ> تاپشۇرۇۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا خەلقئارالىق تەكلىپ تاپشۇرۇۋالغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «<ئەلئەرەبىييە قانىلى>نىڭ ھاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھاماسنىڭ <غەززەدە مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا بولىدىغان ئۇرۇش توختىتىش ۋە مۇساپىرغا ئايلانغان كىشىلەرنىڭ تەدرىجىي قايتىپ كېلىشى> ھەققىدە خەلقئارالىق تەكلىپ تاپشۇرۇۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىنىڭ ئاساسى يوق. بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاھىرەگە بېرىپ، تەپسىلاتلارنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىمۇ ھەقىقەتنى ئەكىس ئەتتۈرمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە «ناتسىست ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان» پەلەستىن خەلقىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئويناشماسلىققا چاقىرىق قىلىنغان باياناتتا، تاراتقۇلارنىڭ توغرا ۋە ئىشەنچلىك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر