گوگۇل ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بىر خىزمەتچىسىنى ئىشتىن بوشاتتى

ئامېرىكا تېخنىكا شىركىتى—گوگۇل نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پەن-تېخنىكا پائالىيىتىدە ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىنژېنېرىنى ئىشتىن بوشاتتى.

2113135
گوگۇل ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بىر خىزمەتچىسىنى ئىشتىن بوشاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوگۇل باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا بىر خىزمەتچىنىڭ شىركەت قوللىغان رەسمىي پائالىيەتكە ئارىلىشىپ، دوكلات بېرىۋاتقان خىزمەتدىشىنىڭ سۆز قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەيلى قانداق مەسىلە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ قىلمىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، خىزمەتچى بىزنىڭ سىياسىتىمىزگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن توختىتىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۈشەنبە كۈنى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە، گۇگۇل بۇلۇت ئىنژېنېرى ئىسرائىلىيە ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ: «مەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ياكى نازارەتنى كۈچەيتىدىغان تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىشنى رەت قىلىمەن» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر