ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئاۋدىيىۋكا شەھىرىدىن چېكىندى

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ئالېكساندر سىرسكىي دونېتسكى رايونىنىڭ ئاۋدىۋىۋكا شەھىرىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

2103618
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئاۋدىيىۋكا شەھىرىدىن چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىرسكىي ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋدىۋىۋكا ئەتراپىدىكى ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، قورشاۋغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن، شەھەردىن ئەسكەر چېكىندۈرۈپ، تېخىمۇ قولايلىق ئورۇنلارنى قوغداشنىڭ قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سېرسكىي ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى شەرەپ بىلەن ئادا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەسكەرلىرىمىز رۇسىيەنىڭ ئەڭ ياخشى قىسىملىرىنى تارمار قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى، دۈشمەنگە ئەسكەر ۋە ئۈسكۈنە جەھەتتە زور زىيانلارنى يەتكۈزدى. بىز ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىستىھكاملارنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىۋاتىمىز. ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ھاياتى ھەممىدىن قىممەت. ئاۋدىۋىۋكانى قايتۇرۇپ  ئالىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«تاۋرىيا» ھەربىي ھەرىكەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك قىسىملار قوماندانى ئالېكساندر تارناۋىسكىيمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، بۇيرۇققا ئاساسەن ئاۋدىۋىۋكادىن ئالدىن بېكىتىلگەن ئورۇنلارغا قاراپ يولغا چىققانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر