نېتانياھۇ: ھاماسنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىش ئىسرائىلىيە ئۈچۈن يېڭى بىر قىرغىنچىلىققا يول ئاچىدۇ

ھاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە قارشى چىققان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ غەززەدە ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان رەفاھ شەھىرىگە ھۇجۇم تەييارلىقى قىلىشى ئۈچۈن ئارمىيەگە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2099344
نېتانياھۇ: ھاماسنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىش ئىسرائىلىيە ئۈچۈن يېڭى بىر قىرغىنچىلىققا يول ئاچىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇش تەكلىپى سۇنغان ھاماسنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىشنىڭ، ئىسرائىلىيە ئۈچۈن يېڭى بىر قىرغىنچىلىققا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقى ئۈچۈن ئارمىيەگە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

نىتانىياھۇ ھاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى توغرىسىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى.

ئۇ غەززە رايونىدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا خىتاب قىلىپ، ھاماسنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ۋە ھەربىي بېسىمنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ  ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن بىردىنبىر تاللاش ئىكەنلىكىنى، ھاماسنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلسا، ئەسىرلەرنى  قويۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى ۋە ئەكسىچە يېڭى بىر قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى غەززەگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ نىشانىدىن يانمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نىتانىياھۇ غەززەنىڭ جەنۇبىدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پەلەستىن پۇقراسى پاناھلىنىۋاتقان رەفاھ شەھىرى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە رەفاھ ۋە مەركىزىي لاگېرلارغا ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقى قىلىشى ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈردۇق» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر