ئابدۇللاھىيان بېيرۇتتا ھەسەن نەسرۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۆسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ھىزبۇللاھ باش كاتىپى ھەسەن نەسرۇللاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، پەلەستىن، لىۋان ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

2068126
ئابدۇللاھىيان بېيرۇتتا ھەسەن نەسرۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىزبۇللاھ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان مىنىستىر ئابدۇللاھىيان ۋە ھەمراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پايتەخت بېيرۇتتا ھىزبۇللاھ رەھبىرى نەسرۇللاھ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پەلەستىن ۋە لىۋاندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، رايوننىڭ ۋەزىيىتى، نۆۋەتتىكى ۋەقەلەرنىڭ يۆنىلىش ئۆزگەرتىش ئېھتىماللىقلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان تۈنۈگۈن بېيرۇتقا بېرىپ، لىۋان پارلامېنتى باشلىقى نەبىھ بەررى، باش مىنىستىر نەجىب مىقاتى، پەلەستىن ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتى باش كاتىپى زىياد ئەننەھھالە ھەمدە ھاماسنىڭ ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسى مۇناسىۋەتلىرى ئىشخانىسى باشلىقى خەلىل ئەلھەيييە بىلەن كۆرۈشكەنىدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر