ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارى توغرىسىدىكى باياناتىدىن ئەپسۇسلغانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «غەززەدىكى توقۇنۇشلارنى دەرھال ۋە ئۇزارتىشقا بولىدىغان شەكىلدە توختىتىش»نى مەزمۇن قىلغان قارارىغا «رېئاللىقتىن يىراق» دەپ باھا بەرگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

2065655
ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارى توغرىسىدىكى باياناتىدىن ئەپسۇسلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باياناتچىسى ئىستېفان دۇجارىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا،  بىر مۇخبىرنىڭ <ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۈنۈگۈن ماقۇللىغان قارارىنى قارشى ئالغانلىقى>نى ئەسكەرتكەندىن كېيىنكى، «ئىسرائىلىيە بۇ قارارغا ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتلىرىدىن ئەپسۇسلاندۇق. كېڭەشنىڭ بۇ نۇقتىغا كېلىشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىش بولدى» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى گىلاد ئېردان ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا، ب د ت نىڭ قارارىنىڭ رېئاللىقتىن يىراق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «كېڭەش نېمە قارار قىلسا قىلسۇن، ئىسرائىلىيە خەلقئارا قانۇن بويىچە ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنىدى.

دۇجارىك ب د ت نىڭ توقۇنۇشنى توختىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئىجابىي قەدەم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «توقۇنۇش داۋاملاشماقتا، ئەلۋەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش كېرەك» دېدى.

توقۇنۇش رايونىدىكى بارلىق تەرەپلەر كاپالەتلىك قىلماي تۇرۇپ، ھېچقانداق بىر جاينىڭ «بىخەتەر رايون» بولالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان دۇجارىك: «بىزنىڭ تارىختىكى بىخەتەر رايونلارغا ئالاقىدار تەجرىبىمىز ئانچە ئىجابىي ئەمەس» دېدى.

دۇجارىك ب د ت نىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما «بىخەتەر رايون قۇرۇش مۇساپىسىگە قاتناشمايدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۈنۈگۈن غەززەدە توقۇنۇشنى «دەرھال ۋە ئۇزارتىشقا بولىدىغان شەكىلدە توختىتىش»نى تەلەپ قىلغان قارارى، 12 ئەزا دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر