ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ھەربىي نۇقتىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ھىزبۇللاھ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا رايونىغا جايلاشقان ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلدى.

2064365
ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ھەربىي نۇقتىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيە-لىۋان چېگراسىدىكى توقۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ھىزبۇللاھنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ «مەرج» ھەربىي نۇقتىسىغا مۇۋاپىق قوراللار بىلەن زەربە بېرىلگەنلىكى ۋە نىشانلارنىڭ پۈتۈنلەي پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، لىۋاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «NNA» ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ لىۋاننىڭ چېگرا رايونىدىكى ئايتا ئەششاباب ۋە ئودېيسا يېزىسى ئەتراپىنى توپقا تۇتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدا 8 – ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، 74 ھىزبۇللاھ ئەزاسى ۋە تۆت ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر