دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تۈركىيەگە كېلىدۇ

دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېن تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ تەكلىپكە بىنائەن ئەتە (27-ئۆكتەبىر) تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

2056392
دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېننىڭ زىيارىتى دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە - دانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن مۇزاكىرە قىلىنىشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

ئۇچرىشىشلاردا يەنە، غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سادىر قىلىنىۋاتقان قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر