سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەبىئىي گاز مەيدانى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى دەيرۇززور ۋىلايىتىدىكى ئامېرىكا قىسىملىرى تۇرۇۋاتقان كونىكو تەبىئىي گاز مەيدانىنىڭ ئەتراپى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

2053713
سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەبىئىي گاز مەيدانى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي مەنبەلەردىن ئىگىلىنىشىچە، كىملىكى ئېنىقسىز قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان كونىكو تەبىئىي گاز مەيدانى ئەتراپىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇم گاز مەيدانىغا زىيان يەتكۈزمىگەن.

مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كونىكوغا يېقىن تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىدە پارتلاش يۈز بەرگەن؛ پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، تەبىئىي گاز پومپىلىنىدىغان تۇرۇبا يولىغا ئوت كەتكەن.

بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ تىك ئۇچار ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى رايون ئاسمىنىدا ئۇچۇشقا باشلىغان.

فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى دەيرۇززور زېمىنى ئامېرىكانىڭ قوللىشى ئاستىدىكى پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىشغالىيىتىدە بولۇپ، ۋىلايەت مەركىزى ۋە باشقا تاغلىق رايونلار ب بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىران ھىمايسىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر