جو بايدىن غەززەدىكى دوختۇرخانا ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئىيوردانىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى

بۈگۈن ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئىيوردانىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، غەززەدىكى دوختۇرخانا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى.

2052603
جو بايدىن غەززەدىكى دوختۇرخانا ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئىيوردانىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ باياناتىدا، بايدىننىڭ ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن ۋە پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمى تۈپەيلى ماتەم ئېلان قىلغانلىقىغا ئاساسەن ئىيوردانىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «پىرېزىدېنت (بايدىن) غەززەدىكى دوختۇرخانا پارتىلىشىدا قازا قىلغان بىگۇناھ كىشىلەر ئۈچۈن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى» دېيىلدى.  

باياناتتا بايدىننىڭ ئىيوردانىيە، پەلەستىن ۋە مىسىر رەھبەرلىرى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا رەھبەرلەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بايدىن ئىسرائىلىيە زىيارىتىدىن كېيىن ئىيوردانىيەگە بېرىپ، پادىشاھ ئىككىنچى ئابدۇللاھ، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى ۋە پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بايدىننىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلىۋاتقان تۆت تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن پايتەخت ئاممانغا يېتىپ بارغان پەلەستىن پىرېزىدېنتى ئابباسنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانا ھۇجۇمىدىن كېيىن راملاھقا قايتىشنى قارار قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېنمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ «غەززەدىكى ئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى» بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بىللىنكېن، «بارلىق ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن پۇقرالىرىنى قوغداش كېرەك» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئەل ئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 500 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس ھۇجۇم سەۋەبىدىن 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر