ھەنىييە: دوختۇرخانىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى ئامېرىكا

ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئەلئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

2052522
ھەنىييە: دوختۇرخانىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى ئامېرىكا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى ھەنىييە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ بومباردىمانى دۈشمەننىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ئالدىدا ئۇچرىغان مەغلۇبىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئەلئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«بۇ قىرغىنچىلىق سىيونىستلار پەلەستىننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان زەنجىرسىمان قىرغىنچىلىقلاردىن بىرى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، بۇ ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ،  قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى.»

ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىگە، ئۆرپ-ئادەتلەرگە ۋە قانۇن - نىزاملارغا ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، شۇنداقلا چېركاۋ، جامە ۋە دوختۇرخانىلارغا ھۇجۇم قىلغان دۈشمەننىڭ، بۇنى ئەيىبلىمىگەنلەرنىڭ بۇ قىرغىنچىلىق ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تاكى ئىشغالىيەت ئاخىرلاشقانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. پەلەستىن خەلقىنى بارلىق شەھەرلەر ۋە بارلىق كوچىلاردا، بولۇپمۇ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىشغالچىلار ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى داۋاملىق تىركىشىشكە چاقىرىمەن.»

ئىگىلىنىشىچە، سەيشەنبە كۈنى (2023-يىلى 17-ئۆكتەبىر) كەچتە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئەلئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 500 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر