ھىزبۇللاھ ھاماسنىڭ ھۇجۇمىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ ھەرىكىتى ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى باشلىغان ھۇجۇمىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2047709
ھىزبۇللاھ ھاماسنىڭ ھۇجۇمىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ھىزبۇللاھنىڭ يازما باياناتى ھىزبۇللاھقا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان <ئەل مايادەن> تېلېۋىزىيەسىنىڭ تور بېتىدە ھەمبەھىرلەندى.

باياناتتا، ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى غەززە رايونىدىن ئۇرۇش باشلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرىنى تەبرىكلەيدىغانلىقى، ھاماسنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملشىۋاتقان جىنايەتلىرى ۋە مۇقەددەساتلارغا  خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قەتئىي ئىرادىلىك بىر جاۋاب» بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھىزبۇللاھ باياناتىدا، ئەرەب دۇنياسى، ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە دۇنيادىكى بارلىق ئەركىن خەلقلەرنى پەلەستىن خەلقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىرىق قىلدى.

باياناتتا، ھىزبۇللاھنىڭ پەلەستىن ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋتقانلىقى ۋە پەلەستىن تەرەپلىرى بىلەن ئىزچىل ئالاقە ئىچىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پەلەستىنلىكلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش مەيدانىدىن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە،  بۇنىڭ بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللىشىشقا ئىنتىلىۋاتقان بارلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋە ئىسلام دۇنياسىغا يوللانغان سىگنال ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر