رۇسىيە:ئۇكرائىنا تەۋەلىكىمىزگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ يېڭىدىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ بېلگورود، كۇرسكى ۋە بىريانسكى قاتارلىق رايونلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2041919
رۇسىيە:ئۇكرائىنا تەۋەلىكىمىزگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ شۇ يەر ۋاقتى سائەت 09:00 ئەتراپىدا ئايروپىلان تىپىدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن رۇسىيە زېمىنلىرىغا «تېررورلۇق ھۇجۇمى» قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ بېلگورود ھاۋا تەۋەلىكىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئارقىدىن رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ كۇرسكى ۋە بىريانىسكى رايونلىرىدا ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى توسۇۋالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئۇزۇن ئۆتمەي كۇرسكى ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇكرائىنانىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە، قارا دېڭىز، قىرىم، كۇرسكى ۋە بىريانىسكى رايونلىرىدا ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر