ئوستىن: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى يېقىندا ئامېرىكانىڭ ئابرامىس تانكىلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلايدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن دۆلىتىنىڭ ناملىق تانكىلىرىنىڭ پات يېقىندا رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىشلىتىشكە باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2039458
ئوستىن: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى يېقىندا ئامېرىكانىڭ ئابرامىس تانكىلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن گېرمانىيەدىكى رامشتېين بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 15- نۆۋەتلىك ئۇكرائىنا مۇداپىئە ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى يىغىنىدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ: «مەن ئامېرىكا ئىلگىرى ۋەدە قىلغان <M1 ئابرامس> تانكىلرىنىڭ پات يېقىندا ئۇكرائىناغا كىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىمدىن خۇشالمەن» دېدى.

ئامېرىكا ۋە باشقا شېرىكلەرنىڭ ئۇكرائىناغا بەرگەن مۇداپىئە ساھەسىدە قوللاش ۋەدىسىنىڭ 76 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئوستىن، بۇ دۆلەتنى قوللاشنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىلىرىنى F-16 ئايروپىلانىنى ئىشلىتىش بويىچە مەشىقلەندۈرۈشنىڭ ئامېرىكادا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان 31 دانە <M1 ئابرام> ناملىق تانكىسىنى مايدا ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى مەشىقلەندرۈشتە ئىشلىتىش ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ گرافېنۋوئېر شەھىرىگە ئەۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر