جەنۇبىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىلغارلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوشۇمچە مەبلەغ ئاجراتتى

جەنۇبىي كورېيە يەر ئاستى قوغدىنىش ئورۇنلىرىغا يوشۇرۇنۇۋالغان دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇشقا مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلدى.

2038886
جەنۇبىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئىلغارلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوشۇمچە مەبلەغ ئاجراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىش ئاگېنتلىقى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىلغارلاشتۇرۇش ساھەسىگە يېڭىدىن218 ​​مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مەزكۇر مەبلەغنىڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرغان «يەر ئاستى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا زەربە بېرىىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا» دېيىلىۋاتقان «جەنۇبىي كورېيە قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا»سىنىڭ ئىككىنچى نۇسخىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىش ئاگېنتلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى جەنۇبىي كورېيە تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يەر ئاستىغا يوشۇرۇپ قويغان قوراللىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باياناتتا يەنە، بۇ تۈرنىڭ 2027- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر