ئۇكرائىنا: ئاندرىيىۋكا كەنتىنى ئازاد قىلدۇق

ئۇكرائىنا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننا ماليار دونېتسىك رايونىنىڭ باخمۇت شەھىرى يۆنىلىشىدىكى ئاندرىيىۋكا كەنتىنى ئازاد قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2037635
ئۇكرائىنا: ئاندرىيىۋكا كەنتىنى ئازاد قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننا ماليار ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ باخمۇت شەھىرى يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ماليار رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ باخمۇت شەھىرىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى قولدىن كەتكەن نۇقتىلىرىنى قايتا قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ باخمۇت شەھىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە  مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاساسلىق توقۇنۇشلارنىڭ ئاندرىيىۋكا، كۇرديۇمىۋكا ۋە كلىشىيىۋكا رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ رايونلاردىن ئاندرىيىۋكا كەنتىنى ئازاد قىلدۇق. رۇسىيە قىسىملىرىدىن قايتۇرۇۋالغان نۇقتىلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر