دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى يۈز بەردى

دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى سادىر قىلىندى.

2014644
دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيەدىكى ئىسلامغا قارشى ئاشقۇن مىللەتچى «دانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى» ناملىق بىر كىچىك گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى ئىراقنىڭ كوپېنھاگېندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى.

ئىسلامغا قارشى لوزونكىلارنى كۆتۈرۈپ، ئىسلامنى ھاقارەتلەيدىغان شوئارلارنى توۋلىغان گۇرۇپپا ئەزالىرى ئىراق بايرىقى ۋە قۇرئان كەرىمنى يەرگە تاشلاپ، ئۈستىگە دەسسىدى، ئاندىن قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈپ، كۆرۈنۈشلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىدى.

قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەن مەزكۇر گۇرۇپپا ئەزالىرى بۇ قۇتراتقۇلۇقنى شىۋېتسىيەنىڭ باغداتتىكى ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ساقچىلارنىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قەبىھ قىلمىشنى تاراتقۇلارمۇ يېقىندىن كۆزەتتى.

«دانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى» ناملىق بۇ گۇرۇپپا، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كوپېنھاگېندىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا تۈركىيە بايرىقى ۋە قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىسلامنى ھاقارەتلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر