ياپونىيەدىكى  كەلكۈندە بىر كىشى قازا قىلىپ، 2100 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى

ياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى ئاكىتا ئۆلكىسىدە، شىددەتلىك يامغۇردىن كېيىن بىر كىشى قازا قىلىپ، 2100 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

2011884
ياپونىيەدىكى  كەلكۈندە بىر كىشى قازا قىلىپ، 2100 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ھەپتە بېشىدا غەربىي جەنۇبتىكى ئۆلكىلەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن يامغۇرنىڭ شىمالىي رايونلارغا يۈزلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئاكىتا ئۆلكىسىنىڭ گوجومې رايونىدا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان  كەلكۈندە بىر كىشى قازا قىلدى.

پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا 2100 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

ئۆلكىلىك ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 80 گە يېقىن تارقاقلاشتۇرۇش مەركىزى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن.

تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋە كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن، رايوندا سۇ بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى ئۈزۈلۈپ قالغان.

تارقاقلاشتۇرۇلغانلارغا ئاپەت ياردىمى ۋە قاپسىلىپ قالغانلارغا قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى سۇنۇش ئۈچۈن ئۆزىنى قوغداش قۇرۇقلۇق قىسمى (GSDF)  رايونغا ئەۋەتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر