ستولتېنبېرگ تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل بولغان ئورتاق تونۇش ھەققىدە توختالدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل بولغان ئورتاق تونۇش ھەققىدە توختالدى.

2009810
ستولتېنبېرگ تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل بولغان ئورتاق تونۇش ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ يېقىنقى بىر يىلدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، تۈنۈگۈنكى بۇ ھەمكارلىقنىڭ شىۋېتسىيە ناتوغا كىرگەندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنىيۇستىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ رەسمىي باشلىنىشىدىن ئىلگىرى «شىۋېتسىيەنىڭ ۋەدىلىرىنى ئورۇندايدىغانلىقىغا ناتونىڭ كاپالەتلىك قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى» توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «مەن تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ كېلىشىمگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىغا؛ بۇنىڭ (شىۋېتسىيە ناتوغا) قوشۇلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

باش كاتىپ ستولتېنبېرگ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز مادرىدتىكى يىغىندىن بۇيان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلدۇق. بۇ ھەمكارلىقنىڭ شىۋېتسىيە (ناتوغا) تولۇق ئەزا بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مەڭگۈلۈك ۋەدە ۋە كېلىشىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى باياناتىدا، تۈركىيە بىلەن شىۋىتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك مېخانىزمى ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئۇ تۈنۈگۈن لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستىدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى ھەققىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا بېرىپ: «تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە بۈگۈن ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشتى. ناتومۇ بۇ ساھەدىكى خىزمىتىنى ئەستايىدىل كۈچەيتىدۇ. مەنمۇ ناتو تارىخىدا تۇنجى قېتىم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى تەيىنلەيمەن» دېگەنىدى.

ستولتېنبېرگ، تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا تەسىس قىلىنىشى قارار قىلىنغان ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك مېخانىزمىنىڭ يېڭى بىر سۆھبەت جەريانى ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان مەسىلىلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

ئۇ تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئەندىشىلەر بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئەندىشىلەرگە قارىتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ۋە ئىلگىرىلەشلەرنىڭ مەزكۇر ئورتاق زېمىندا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

يېنىس ستولتېنبېرگ تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك مېخانىزمىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، تېررورلۇقنىڭ بارلىق شەكىل ۋە تۈرلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىمىزنى كۈچەيتىدۇ. بۇ تۈركىيەنىڭ تەلىپى ئىدى. بۈگۈنكى كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى تەيىنلەيدىغانلىقىمدىن مەنمۇ خۇشالمەن» دېگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دىيالوگنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ستولتېنبېرگ بۈگۈن ۋىلنيۇستا باشلىنىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادىن F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانى سېتىۋېلىش پىلانىنىڭ، تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە، شىۋىتسىيە ۋە ناتونىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر