شولز: تۈركىيە بىزنىڭ مۇھىم شېرىكىمىز

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز تۈركىيەنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇھىم شېرىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2009916
شولز: تۈركىيە بىزنىڭ مۇھىم شېرىكىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولز لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى سۆز قىلىپ، ئالدىنقى قېتىملىق ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىش قارارىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدىن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى تەييارلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ: «مەن بۇ يەردە جۇمھۇر رەئىس (رەجەپ تاييىپ) ئەردوغان بىلەنمۇ سۆزلىشىمەن. تۈركىيە بىزگە نىسبەتەن مۇھىم شېرىك. بۇ نۇقتا كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ» دېدى.

شولز جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ۋىلنىۇستا ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىدا، قانداق قىلغاندا مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئالاقىدار قارارلارنى چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر