گېرمانىيەدە بىر مەدەنىيەت فېستىۋالىدا 26 ساقچى يارىلاندى

گېرمانىيەنىڭ فرانكفورت شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى گىيسېن يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېرىترىيە مەدەنىيەت  فېستىۋالىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە 26 ساقچى يارىلاندى.

2008960
گېرمانىيەدە بىر مەدەنىيەت فېستىۋالىدا 26 ساقچى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  ئېرىترىيە مەدەنىيەت فېستىۋالىنىڭ مۇستەبىت ئېرىترىيە ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

بىر نەچچە سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشتا، 26 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىندى. كىشىلەرنى تارقىتىش ئۈچۈن كالتەك ۋە مۇچ گازى ئىشلەتكەن ساقچىلار 100 دىن ئارتۇق كىشىنى قولغا ئالدى.

نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلارغا بوتۇلكا ۋە تاش ئاتقانلىقى،  بىر قىسىم ئاپتوموبىللارغا زىيان سالغانلىقى ۋە يېزا مەركىزىنىڭ قاتناشقا تاقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېزىلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۆتكەن يىلىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، فېستىۋالنىڭ داۋاملىشىشىنى توسىماقچى بولغان، ئەمما يەرلىك سوت بۇ چەكلىمىنى بىكار قىلغان ئىدى.

ئېرىترىيەلىكلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە ئولتۇراقلىشىشنى خالايدىغان ئەڭ چوڭ ئافرىقا كۆچمەنلەر توپىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ، گېرمانىيە يېقىنقى يىللاردا نۇرغۇنلىغان ئېرىترىيەلىكلەرگە پاناھلىق بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر