زېلېنسكىي بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بۈگۈن دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە كېلىدۇ.
2008133
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زىيارەت دائىرىسىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئىستانبۇلدا ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ.
ئۇچرىشىشلاردا 2022-يىلى 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر، مۇددىتى 17-ئىيۇل كۈنى توشىدىغان ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.