ئىران نېفىت ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان بىر چەت ئەل پاراخوتىنى قولغا چۈشۈردى

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى پارس قولتۇقىدا 900 توننا ئەتكەس يېقىلغۇ ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان بىر چەت ئەل پاراخوتىنى قولغا چۈشۈردى.

2008470
ئىران نېفىت ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان بىر چەت ئەل پاراخوتىنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلار ئارمىيەسىنىڭ سوتنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، پارس قولتۇقىدا 900 توننا ئەتكەس يېقىلغۇ بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان بىر پاراخوتنى قولغا چۈشۈرۈپ، پاراخوتتىكى 12 خادىمنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، پاراخوت خادىملىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە پاراخوتنىڭ بايرىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلمىدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تۈنۈگۈن ئىران قىسىملىرىنىڭ پارس قولتۇقىدا ئەتكەسچىلىك جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىدىن شۈبھىلەنگەن بىر پاراخوتنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقەگە ئارىلاشمىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر