ياپونىيە تۆت خىتاينى نازارەت ئاستىغا ئالدى

ياپونىيەنىڭ خىتاي پۇقراسى تۆت كىشىنى قانۇنسىز غىدىقلىغۇچى (روھلاندۇرغۇچى) ماددا ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1996991
ياپونىيە تۆت خىتاينى نازارەت ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرىنى مەنبە قىلغان بىر خەۋىرىدە، ياپونىيە تاموژنا خادىملىرىنىڭ توكيو پورتىغا لەڭگەر تاشلىغان بىر يۈك پاراخوتىنى ئاختۇرۇپ، يەتتە كونتېينېرغا يوشۇرۇلغان تەخمىنەن 700 كىلوگىرام قانۇنسىز غىدىقلىغۇچى ماددىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، توكيو ساقچىلىرى يوكوخاما ۋە كاۋاساكى رايونلىرىدا خىتاينىڭ تۆت پۇقراسىنى قانۇنسىز غىدىقلىغۇچى ماددا ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ قولغا ئالغان.

قولغا چۈشۈرۈلگەن غىدىقلىغۇچى ماددىلارنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن يولغا چىققانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر