ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ 35 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتۇق

ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى تۈنۈگۈن كەچتە (7-ماي) رۇسىيەنىڭ ئىراندا ياسالغان 35 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1983945
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ 35 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە خاركىۋ، خېرسون، مىكولايېۋ ۋە ئودېسسا شەھەرلىرىگە 16 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ۋە ئاھالىلەر رايونلىرىغا 61 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، 52 قېتىم ئېغىر تىپلىق راكېتا ھۇجۇمى قوزغاپ ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكو پايتەخت كىيېۋدا كەم دېگەندە بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر