لاۋروۋ ھىندىستان ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارى بىلەن كۆرۈشتى.

1983101
لاۋروۋ ھىندىستان ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
lavrov-bilaval butto zerdari.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ھىندىستاننىڭ گوا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ھىندىستاندا، ھىندىستان ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، لاۋروۋنىڭ ھىندىستانلىق مەنسەپدىشى سۇبراخمانيام جايشانكار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى شۇنداقلا رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم خەلقئارالىق سۇپىلاردىكى ماسلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئىككى مىنىستىرنىڭ «دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتتە ئادىل، كۆپ قۇتۇپلۇق سىستېما» بەرپا قىلىش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

لاۋروۋ يەنە، پاكىستانلىق مەنسەپدىشى بىلاۋال بۇتتو زەردارى بىلەن ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى مىنىستىرنىڭ يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتى، رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتىدا: «بىز ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشتۇق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى بۈگۈن (2023-يىلى 5-ماي) ھىندىستاننىڭ گوا شەھىرىدە باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر