شولز: سۇداننىڭ ئىشەنچلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئېھتىياجى بار

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز سۇدان ۋەزىيىتىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، ئىشەنچلىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1979185
شولز: سۇداننىڭ ئىشەنچلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئېھتىياجى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولز تىۋىتتىردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «سۇدان ۋەزىيىتى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان كىشىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. ھازىر ئېھتىياجلىق بولغىنى دۆلەت ئۈچۈن ئىشەنچلىك ئۇرۇش توختىتىش. قوراللىق قىسىملىرىمىز تۈنۈگۈندىن بۇيان پۇقرالىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. مەن بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەن بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بېلگىيەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن شولز، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ سۇداندىكى تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ بىر خەتەرلىك ھەرىكەت. ئەمما دۆلىتىمىز ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش زۆرۈر. ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، ھەرىكەت داۋاملاشماقتا.  بۇ ياخشى تەييارلىق قىلىنغان بىر ھەرىكەت بولۇپ، دۆلەتتىن (سۇداندىن) ئايرىلىشنى خالايدىغان پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش نۇقتىسىدىن مۇھىم. مەن بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئارمىيەمىزگە ھەرىكىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن » دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر