بوررېل سۇداندىكى ياۋروپالىقلارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل توقۇنۇشلار داۋام قىلىۋاتقان سۇداندىكى ياۋروپا دۆلەتلىرى پۇقرالىرى ۋە دىپلوماتلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ «مۆلچەردىكىدىن»مۇ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1979182
بوررېل سۇداندىكى ياۋروپالىقلارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالى ۋەكىل جوسېپ بوررېل لىيۇكسېمبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ سۇداندىكى پۇقرالار ۋە دىپلوماتلارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىدىن قانداق ساۋاق ئالغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش جەريانىدا تولۇق ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ كىرىزىس مەركىزىنىڭ ياردىمىدە روياپقا چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ بىر زور مۇۋەپپەقىيەت. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ مېنىڭ ئويلىغىنىمدىن ئېشىپ كەتتى. ئىككى كۈندە 30 قېتىم ئايروپىلان قاتنىدى. مەن بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئىشلارنى قىلالايمىز دەپ ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بىر كۈندە تەخمىنەن 1500 كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بوررېل، بۇنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغاندا، نېمىلەرنى روياپقا چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر