فىنلاندىيە ناتوغا ئەزا بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى مانېۋىرىنى ئىشقا ئاشۇردى

فىنلاندىيە گېرمانىيە ۋە پورتۇگالىيە پاراخوتلىرىنىڭ سىمۋوللۇق ھالدا خېلسىنكى پورتىغا لەڭگەر تاشلىشى بىلەن بىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئەزاسى سۈپىتىدىكى تۇنجى مانېۋىرىنى تاماملىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1975065
فىنلاندىيە ناتوغا ئەزا بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى مانېۋىرىنى ئىشقا ئاشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە دېڭىز ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ FGS مېكلېنبۇرگ- ۋورپوممېرن ۋە پورتۇگالىيەنىڭ NRP بارتولومېيو دىياس قوغدىغۇچى پاراخوتلىرىنىڭ 16-ئاپرېلغىچە پايتەخت خېلسىنكىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاراخوتلار خېلسىنكى پورتىغا لەڭگەر تاشلاشتىن ئىلگىرى، فىنلاندىيە دېڭىز قىرغىقى فىلوتىنىڭ فىنلاندىيە قولتۇقىدا ئۈچ فىنلاندىيە پاراخوتى بىلەن ئۆتكۈزگەن مانېۋىرغا قاتناشتى.

شۇنداق قىلىپ، فىنلاندىيە ناتو ئەزاسى سۈپىتىدىكى تۇنجى مانېۋىرىنى تاماملىغان بولدى.

تۈركىيەنىڭ فىنلاندىيەنىڭ ناتو ئەزالىقىنى ماقۇللىغانلىقىغا دائىر ھۆججەتنى 1949 – يىلىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك  ئەھدىنامسىنىڭ قوغدىسى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تاپشۇرۇشىدىن كېيىن، 4- ئاپرېل ناتونىڭ 31 – ئەزاسى سۈپىتىدە تەشكىلاتقا رەسمىي قوشۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر