چىلىدا ئوقۇغۇچىلار بىخەتەرلىك قانۇنىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

چىلىدا يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلار ھۆكۈمەت ماقۇللىغان تالاش-تارتىشلىق بىخەتەرلىك قانۇنىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1974441
چىلىدا ئوقۇغۇچىلار بىخەتەرلىك قانۇنىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: چىلى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پايتەخت سانتىياگونىڭ مەركىزىگە يۈرۈش قىلغان ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلىرى «ساقچىلارنىڭ قورال ئىشلىتىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىدىغان» بىخەتەرلىك قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار چوڭ يوللارنى قاتناشتىن توسۇپ قويغان.

ساقچىلار تاش ۋە مولوتوف كوكتېيىل ئاتقان نامايىشچىلارنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ بىلەن تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان.

نامايىش جەريانىدا، بىر مەكتەپكە ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چىلىدا تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولغان بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى «ئىمتىيازلىق ئۆزىنى قوغداش» ماددىسىغا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

دۆلەت پارلامېنتى تەستىقلىغان بىخەتەرلىك قانۇنى، بىر ئاي ئىچىدە ئۈچ ساقچىنىڭ قوراللىق ھۇجۇم بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان ئىدى.

ئوقۇغۇچىلار چىلىدىكى مائارىپ شارائىتىغا پات-پات نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن پات-پات قاتتىق توقۇنۇشۇپ قىلىش ھادىسىلىرىمۇ يۈز بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر