ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئۈچ كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئوكلاخوما ئىشتاتىدىكى بىر كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا، ئۈچ كىشى قازا قىلدى.
1968659
![ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئۈچ كىشى قازا قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0af1/6080/c954/62727d3f00faf.jpg?time=1718806157)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك «KOCO-TV» قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئوكلاخوما شەھىرىدىكى كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن.
ۋەقەدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۈچ كىشى قازا قىلىپ، بىرسى ئېغىر، جەمئىي ئۈچ كىشى يارىلانغان.
ھۇجۇمغا ئالاقىدار جىددىي تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.