غەربىي ئاۋستىرالىيە ساقچىلىرى 2.4 توننا كوكايىننى قولغا چۈشۈردى

غەربىي ئاۋستىرالىيە ساقچىلىرى بازار قىممىتى 700 مىليون دوللارلىق 2.4 توننا كوكايىننى قولغا چۈشۈردى.

1955248
غەربىي ئاۋستىرالىيە ساقچىلىرى 2.4 توننا كوكايىننى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە ساقچىلىرى دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

غەربىي ئاۋسترالىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قولغا چۈشۈرۈلگەن كوكايىننىڭ مېكسىكا قارا گۇرۇھلىرىغا تەۋە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «خەلقئارالىق مەخپىي ھەرىكەت ئارقىلىق 700 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 2.4 توننا كوكايىننىڭ ئاۋستىرالىيەگە كىرىشى توسۇپ قېلىندى. بۇ ھەرىكەت نەتىجىسىدە مېكسىكالىق زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىرى گۇرۇھىغا تەۋە 700 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 2.4 توننا كوكايىن قولغا چۈشۈرۈلدى ۋە 12 كىشى قولغا ئېلىندى» دېيىلدى.

ساقچى دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتنىڭ دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ھەرىكەت بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر