رىيابكوۋ ئامېرىكا بىلەن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

سېرگېي رىيابكوۋ ئامېرىكا بىلەن قىتئەلەر ئارا يادرو باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى تىزگىنلەشنى مەزمۇن قىلغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى (START) توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1954038
رىيابكوۋ ئامېرىكا بىلەن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋ ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن قىتئەلەر ئارا يادرو باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى تىزگىنلەشنى مەزمۇن قىلغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى (START) توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ تاس خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋنىڭ شىۋىيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىشلىچە، رىيابكوۋ سۆھبەتنىڭ كەسپىي سەۋىيەدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «سۆھبەت تەبىئىي ھالدا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مەركىزىي تېما قىلدى» دېگەن.

ئۇ، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

ۋىلادىمىر پۇتىن 21-فېۋرال فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىسىگە قاتنىشىشىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان، سەيشەنبە (1 – فېۋرال) مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىغانىدى.

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان دۆلەت دۇماسىمۇ 22-فېۋرال بۇ شەرتنامىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇننى ماقۇللىغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن، 1993-يىلى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن ئىمزالىغان ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىلىرى (START 1 ve START 2) نىڭ داۋامى بولغان «يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىسى» كېلىشىمى، ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى يادرو كېلىشىمى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

بۇ شەرتنامە ئۇزۇن مۇساپىلىك يادرو ئوق بېشى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا چەكلىمە قويۇشنى مەزمۇن قىلىدىغان بولۇپ، 2011-يىلى 5-فېۋرالدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان 10 يىللىق كېلىشىمنىڭ مۇددىتى 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى توشاتتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن 2021-يىلى 29-يانۋار شەرتنامىنى 5 يىل ئۇزارتىشنى مەزمۇن قىلغان قارارنى ئىمزالىغان. 2021-يىلى 5-فېۋرال ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ كېلىشىمنى ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر