مالىدا ب د ت نىڭ ئۈچ ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مالى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، مۇقىملاشتۇرۇش ئەترىتى (MINUSMA) غا تەۋە ئۈچ ئەسكەر، ئاپتوموبىلى يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتىلاتقۇچقا سوقۇلۇپ قازا قىلدى.

1949561
مالىدا ب د ت نىڭ ئۈچ ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋەرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مالى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، مۇقىملاشتۇرۇش ئەترىتى (MINUSMA)  نىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ب د ت  ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتىلاتقۇچقا سوقۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقەدە 3 ئەسكەر قازا قىلىپ، 5 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مالىنىڭ شىمالى ۋە ئىچكى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇتۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مالى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، مۇقىملاشتۇرۇش ئەترىتى (MINUSMA)  دا 61 دۆلەتتىن كەلگەن 15 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە ساقچىسى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

مالىدىكى بىخەتەرلىك كرىزىسىدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مالى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈش. مۇقىملاشتۇرۇش ئەترىتى (MINUSMA)  2013-يىلى 25- ئاپرېلدا قۇرۇلغان ئىدى.

بۈگۈنگە قەدەر 180 دىن ئارتۇق ئەسكىرىنى يوقۇتۇپ قويغان «MINUSMA» دۇنيادا  ئەڭ كۆپ ئەسكىرى ئۆلگەن ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمى» دەپ بىلىنىدۇ.

مالى ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا نىسبەتەن «ئەڭ خەتەرلىك دۆلەت» دەپ قارىلىدۇ.


خەتكۈچ: #ب د ت , #مالى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر