ب د ت ئەزا دۆلەتلەرنى تۈركىيە بىلەن سۈرىيەگە تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشكە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 6-فېۋرال قاھرامانماراشنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، ئەزا دۆلەتلەرنى تۈركىيە ۋە سۈرىيەگە ياردەم بېرىش سەپەرۋەلىك پائالىيەتلىرىگە تېخىمۇ تېز ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى.

1949114
ب د ت ئەزا دۆلەتلەرنى تۈركىيە بىلەن سۈرىيەگە تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈنۈگۈن (20فېۋرال) ھاتاينىڭ دەفنە ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.4 بال يەر تەۋرەش توغرىسىدا توختىلىپ، بۇنىڭ رايوندىكى خەۋپنىڭ زور ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا: «سۈرىيە ۋە تۈركىيەگە قىلىنىۋاتقان ياردەملەردىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتىشىمىز تەس. چۈنكى ئۇ يەر تېخىمۇ تېز شەكىلدە تېخىمۇ كۆپ پۇلغا ئېھتىياجلىق» دېدى.

تۆھپە قوشقان دۆلەتلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن دۇجارىك، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ياردەمنى تېزلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇجارىك ب د ت نىڭ ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت 14 – فېۋرال (2023) يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن 397 مىليون 600 مىڭ دوللار ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 9-فېۋرالدىن 16-فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا 143 ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماشىنىسىنىڭ بابۇلھاۋا ۋە بابۇسسالام چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق سۈرىيەگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

16 – فېۋرال باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېررېس: «بۈگۈن، ب د ت بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەشنى باشتىن كەچۈرگەن تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن 1 مىليارد دوللارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى توپلاش چاقىرىقىنى باشلىدى» دېگەنىدى.

ب د ت نىڭ 77-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى رەئىسى كسابا كوروسى، تەخمىنەن 9 مىليون كىشىنىڭ مەركىزى قاھرامانماراش بولغان يەر تەۋرەشلەرنىڭ  تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنى تۈركىيە ۋە سۈرىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر