ئامېرىكا مۇشۇ سەككىز كۈن ئىچىدە بىرسى خىتايغا تەۋە، جەمئىي تۆت ئۇچار جىسىمنى ئېتىپ چۈشۈدى

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە دىرېكتورى جون كىربى بىرسى خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان جەمئىي تۆت ئۇچار جىسىمغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

1946578
ئامېرىكا مۇشۇ سەككىز كۈن ئىچىدە بىرسى خىتايغا تەۋە، جەمئىي تۆت ئۇچار جىسىمنى ئېتىپ چۈشۈدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە دىرېكتورى جون كىربى ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا بايقالغان ۋە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئۈچ نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ خىتاي ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئېنىق ئالامەت يوقلۇقىنى ئېيتتى.

جون كىربى ئىنتېرنېت تورىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ھازىرغا قەدەر ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى كۈنلەردە ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا بايقالغان ۋە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئۈچ نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ خىتاي ياكى باشقا چەت ئەل ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ھاۋا بوشلۇقىغا كەلگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

كىربى «بۇ جىسىملار سودا ياكى خەتەرسىز پائالىيەتلەر ئۈچۈن ھاۋادا ھەرىكەت قىلغان» دېگەن قاراشنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

كىربى بۇ ھەقتە كەسكىن بىر نەرسە دېيىش ئۈچۈن مەزكۇر جىسىملارنىڭ قالدۇقلىرىدىن قولغا كېلىدىغان مەلۇماتلارنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، قالدۇقلىرىنى تېپىش پائالىيەتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە ھاۋارايى شارائىتى سەۋەبىدىن قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىلگىرى مونتانا ھاۋا تەۋەلىكىدە بايقالغان خىتايغا تەۋە جاسۇسلۇق شارىنى 4 – فېۋرالدا (2023) جەنۇبىي كارولىنا دېڭىز قىرغىقىدا ئېتىپ چۈشۈرگەن بولۇپ، بەش بۇرجەكلىك بىنا 10-فېۋرالدا ئالياسكا ھاۋا تەۋەلىكىدىمۇ يەنە بىر نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئىدى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو 11 - فېۋرالدا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۆلىتىنىڭ يۇكون رايونى ھاۋا تەۋەلىكىدە بىر نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئارقىدىنلا ئامېرىكا ئارمىيەسى 12 - فېۋرالدىمۇ كانادا چېگراسىدىكى خيۇرون كۆلى ئۈستىدە ئۇچۇۋاتقان يەنە بىر  نامەلۇم جىسىمنى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئىدى.

شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى مۇشۇ سەككىز كۈن ئىچىدە، بىرسى خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان جەمئىي تۆت ئۇچار جىسىمنى ئېتىپ چۈشۈرگەن بولدى.

ئامېرىكا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ھاۋا بوشلۇقىدىكى بۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىملار كۈنتەرتىپنى مەشغۇل قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر