پاكىستان تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئومۇمىي يۈزلۈك سەپەرۋەر بولدى

6 - فېۋرالدا «بۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپىتى» دەپ باھا بېرىلگەن قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەش ئۈچۈن ياردەم ماتېرىياللىرى قاچىلانغان 16 يۈك ئاپتوموبىلى پاكىستاندىن قۇرۇقلۇق بىلەن تۈركىيە ۋە سۈرىيىگە قاراپ يولغا چىقتى.

1945313
پاكىستان تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئومۇمىي يۈزلۈك سەپەرۋەر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەتلىك ئاپەتنى باشقۇرۇش ئورگىنى (NDMA) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ۋە سۈرىيىگە ياردەم بويۇملىرىنى ئېلىپ بارىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى لاھوردا ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن يولغا سېلىنغان.

مۇراسىمغا پاكىستان مائارىپ مىنىستىرى رانا تانۋىر ھۈسەيىن ۋە تۈركىيەنىڭ لاھوردا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئەمىر ئۆزباي  قاتارلىق مەسئۇللار قاتناشقان.

ئىران ئارقىلىق تۈركىيەگە بارىدىغان قىشلىق چېدىر ۋە ئەدىيال قاچىلانغان 16 يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ 10 كۈن ئىچىدە يەر تەۋرەش رايونىغا يېتىپ كېلىشى پىلانلانماقتا.

پاكىستان 7 - فېۋرالدىن بۇيان تۈركىيەگە ياردەم ئۈچۈن  10 ئايروپىلاندا ياردەم بويۇملىرى ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ ياردەملەر پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە 3 ئايروپىلان ۋە پاكىستان خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى (PIA) غا تەۋە 6 ئايروپىلان شۇنداقلا تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا تەۋە 1 ئاپروپىلان بىلەن توشۇلغان ئىدى.

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى (THY) يۈك ئايروپىلانىمۇ 75 توننا ياردەم ماتېرىياللىرى بىلەن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.

پاكىستان مەسئۇللىرى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يولى ئارقىلىقمۇ ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

پاكىستان ھۆكۈمىتى مەملىكەت مىقياسىدىكى دۆلەت مەكتەپلىرىدە ياردەم توپلاشنى قارار قىلغان ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە پاكىستان مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ بىر ئايلىق مائاشى ۋە بارلىق دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك مائاشىنى ياردەم فوندىغا ئىئانە قىلىش قارار قىلىنغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر