خىتاي ياپونىيە دېڭىزىدا يەنە قانۇنسىزلىق قىلدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە كۆزىتىش پاراخوتىنىڭ ياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1945319
خىتاي ياپونىيە دېڭىزىدا يەنە قانۇنسىزلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كاگوشىما دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ياكۇشىما ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن ئۆتكەن خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەن.

خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە كۆزىتىش پاراخوتى ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن رايوندىن ئايرىلغان.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى  بۇ قانۇنسىزلىققا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر