ئامېرىكا: تۈركىيەگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، ئاپەت رايونىدا ئۈچ پۇقرايىمىز قازا قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، 6-فېۋرال يۈز بەرگەن قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشنىڭ يېقىنقى بىر ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1944973
ئامېرىكا: تۈركىيەگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، ئاپەت رايونىدا ئۈچ پۇقرايىمىز قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «ئەسىر ئاپىتى» دەپ ئاتىغان يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ تۈركىيە ۋە سۈرىيە خەلقىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان پرايس، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىچىدە 3 ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ يەر تەۋرەش بۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەشلەرنىڭ بىرى ئىدى. بىز بۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلارغا، ھايات قالغانلارغا، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە، ياردەم بېرىش ئەترەتلىرىگە، ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا، قوشنىلىرى ۋە دوستلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېدى.

ئامېرىكانىڭ 200 كىشىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ 77 ئېغىرلىقتىكى ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىلەن بىرلىكتە رايونغا يېتىپ بېرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن پرايس: «بۇنىڭدىن باشقا، بىز بېتون چېقىش ئۈسكۈنىسى، گېنېراتور، داۋالاش بۇيۇملىرى، چېدىر، سۇ ۋە سۇ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىلىرىنى ئەۋەتىۋاتىمىز. ئامېرىكا تىك ئۇچارلىرى قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى خارابىلىك سەۋەبىدىن كىرىش تەس بولغان رايونلارغا يۆتكىمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، ئىزدەش خىزمەتلىرىگە كېرەكلىك دەپ قارىغان قوشۇمچە ياردەم ئەسلىھەلىرىنى رايونغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېننىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالغان پرايس: «تۈركىيەنىڭ ئىلگىرى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەۋەتكىنىگە ئوخشاش، بىزمۇ تۈركىيەگە ياردەم قىلىش سەپەرۋەرلىكىدىكى يەر شارى خاراكتېرلىك ياردەمگە قاتناشقانلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«تۈركىيەنى ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەر بىلەن قامداش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېگەن پرايس، ۋاشىنگتوننىڭ يەنە، سۈرىيەدىكى يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلارغىمۇ ياردەم بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر