رۇسىيەدىكى بىر ھاۋا ئارمىيەسى بازىسى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ساراتوف شەھىرىدىكى ئېنگېلس ھەربىي ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئۈچ ھەربىي خادىمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1923807
رۇسىيەدىكى بىر ھاۋا ئارمىيەسى بازىسى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ساراتوف شەھىرىدىكى ئېنگېلس ھەربىي ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇكرائىنانىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى سائەت 1 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى؛ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى قالدۇقلىرى تەگكەن ئۈچ خادىمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا تەرەپ ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلمىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 5-دېكابىر ئېنگېلس ھەربىي بازىسى ۋە دىياگلېۋو ھەربىي بازىسىغا قارىتىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا، ئۈچ ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئىككى ئايروپىلاننىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە، ئېنگېلس ھەربىي ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى نۇقتىلىرىغا يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىدىكەن.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر