پارىژدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 3 كىشى ئۆلدى
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا 70 ياشلار چامىسىدىكى بىر كىشىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 4 كىشى يارىلاندى.
1922990
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت پارىژنىڭ 10-رايونىغا جايلاشقان ئېنگېن كوچىسىدا، بىر كىشى ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە قارىتىپ ئوق چىقارغان.
دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 4 كىشى يارىلانغان.
پارىژ ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇم يۈز بەرگەن جايدا بىر كىشى قولغا ئېلىنغان.
ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ مۇداخىلىسى ۋە بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن، ساقچىلار رايوننىڭ بوشىتىلىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرۇلۇق تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان.