شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن  تۈركىيەگە كەلدى.

1922313
شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، 2023 – يىلى يانۋاردا شىۋېتسىيە ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسى دائىرىسىدە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، ھەمدە شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش باسقۇچى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى مىنىستىر، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

تۈركىيە، 28-ئىيۇن ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىد شەھىرىدە چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنى ۋېتو قىلماقتا. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا قوللاۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن بىر كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىغان ئەنقەرە، بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر