ئىسلامئاباد ھىندىستاننى پاكىستاندىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلىدى

پاكىستاننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىنا راببانى خار، ھىندىستاننىڭ «پاكىستاندىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە ئارىلاشقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى.

1919162
ئىسلامئاباد ھىندىستاننى پاكىستاندىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرى پايتەخت ئىسلامئابادتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن مۇئاۋىن مىنىستىر خارنىڭ، ھىندىستاننىڭ ئۆتكەن يىلى لاھوردا يۈز بەرگەن بومبىلىق ھۇجۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە ئارىلاشقانلىقىغا دائىر كۈچلۈك پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خار <ھىندىستاننى پاكىستاندىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قول تىقىپ ئارىلىشىش> بىلەن ئەيىبلەپ، «تېررورلۇقنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ھىندىستاندىن ياخشىراق خىزمەت قىلدۇرغان دۆلەت يوق» دېگەن.

ھىندىستاننىڭ ئۆزىنى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانى دەپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان خار، يېڭى دېھلىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرشىدە ھېچقانداق رولى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ، يېقىنقى ئۈچ يىلدا پاكىستاندا يۈز بەرگەن 1213 ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ 211 بىخەتەرلىك خادىمىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى، بۇ ۋەقەلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا ھىندىستان ئىستىخبارات ئىدارىسى تەتقىقات ۋە ئانالىز تارمىقى — RAW نىڭ بارمىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا جەمئىيەتنى يېڭى دېھلىنىڭ پاكىستاننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان خار، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىسلامئابادنىڭ، ھىندىستاننىڭ پاكىستاندىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكى توغرىسىدا ھۆججەت تەييارلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈنۈگۈن پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رانا سانائۇللاھمۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستاننى تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر