ئىران «دۆلەتتە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاش» بىلەن ئەيىبلەپ، 12 كىشىنى قولغا ئالدى

ئىران 12 كىشىنى «گېرمانىيە ۋە گوللاندىيەدىكى ئىران ھۆكۈمىتىگە قارشى گۇرۇپپىلارغا چېتىشلىق بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلەرنى پىلانلاش» بىلەن ئەيىبلەپ مەركىزىي ئۆلكىسىدە قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1915308
ئىران «دۆلەتتە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاش» بىلەن ئەيىبلەپ، 12 كىشىنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «تەسنىم» نىڭ ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسىملىرىنىڭ باياناتىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پايتەخت تېھراننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان مەركىزى ئۆلكىسىدە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن 12 كىشىلىك گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان.

خەۋەردە، «بۇ تورنىڭ ئەزالىرى گېرمانىيە ۋە گوللاندىيەدە ياشايدىغان ئىنقىلابقا قارشى ئۇنسۇرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەتتە بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىشتى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر