ياپونىيە شىمالىي كورېيەنىڭ 3 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شىمالىي كورېيەنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 07:51 دە، 08:41 دە ۋە 08:51 دە قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىزىغا چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

1901464
ياپونىيە شىمالىي كورېيەنىڭ 3 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن كېيىن ياماگاتا، نىگاتا ۋە مىياگى ئۆلكىلىرىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئۇچۇرىدا، كىشىلەرنىڭ بىنالاردىن چىقماسلىقى تەلەپ قىلىندى.

ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا فۇمىئو مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا قارىتا «چىدىغۇسىز دەرىجىدە» دەپ باھا بەردى.

كىشىدا تۇنجى قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قىتئەلەر ئارا باللىستىك تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) دەپ مۆلچەرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ قارشى ھەرىكەت قوللىنىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى (KAIHO) بىرىنچى قېتىملىق سىناقتىن كېيىن، شىمالىي كورېيەنىڭ يەنە 2 باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئاخىرىقى 2 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ياپونىيە دېڭىزىغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىن كېيىن، بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا كېلىشتى.

بىرلەشمە مانېۋىر 31 - ئۆكتەبىردە باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر