ۋىلادىمىر پۇتىن ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ يېڭى خىزمەت تەرتىپى ھەققىدە سۆز قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆزلىرىگە يۈزگۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ئېمبارگو ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە تېخىمۇ يۇقىرى سۈرئەتتە ئىشلەشكە ۋە ۋەزىيەتكە تېخىمۇ ھەقىقىي باھا بېرىشكە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى.

1897834
ۋىلادىمىر پۇتىن ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ يېڭى خىزمەت تەرتىپى ھەققىدە سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر پۇتىن روسىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت قۇرغان ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تور يىغىنىدا سۆز قىلدى.

پۇتىن ئىقتىساد ساھەسىدىكى چەكلىمىلەر ۋە ئۇكرائىنادىكى «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» كە مۇناسىۋەتلىك قارار ماقۇللاش جەريانىنى يېڭىلاش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتتىكى ئىدارە - ئورگانلارنى ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇتىن: «ھەممە ساھەدە تېخىمۇ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئىشلەشكە ۋە ۋەزىيەتنى ئىنتايىن رېئال باھالاشقا ئېھتىياجىمىز بار. بۇ بىۋاستە ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىزنىڭ بارلىق ساھەدىكى خىزمەتلىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك» دېدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، رۇسىيەدە ھازىر ئېغىر ۋە مۇھىم يېڭى قېيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پۇتىن بۇ ئورگانلارنىڭ يېڭى شەكىلدە خىزمەت قىلىشىنى، ماسلىشىشىنى ۋە بىيۇروكراتىك تەرتىپلەرگە بېكىنمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئەكسىچە بولغاندا، ھېچبىر يۆنىلىشتە كۆزلىگەن نەتىجىنىڭ قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر