ئامېرىكا ئۇكرائىناغا يېڭى بىر تۈركۈم ھەربىي ياردەملەرنى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۇكرائىنانى تىپلىق رادارغا قارشى يۇقىرى سۈرئەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 725 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قوشۇمچە قورال ۋە ئوق-دورا ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1893188
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا يېڭى بىر تۈركۈم ھەربىي ياردەملەرنى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 4 – ئۆكتەبىردە ئۇكرائىناغا 625 مىليون دوللار ياردەم بەرگەن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «پىرېزىدېنتنىڭ مىنىستىرلىققا ئۇكرائىنانىڭ ھالقىلىق بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئارمىيەنىڭ ئىسكىلاتىدىن 725 مىليون دوللارغىچە قورال ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئاجرىتىش ھوقۇقى بەرگەنلىكى»نى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭ 2021-يىلى 8-ئايدىن بۇيان ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىسكىلات زاپىسىدىن ئاجرىتىلىپ ئۇكرائىناغا بېرىلگەن 23-قورال ياردىمى بولىقى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بۇ قېتىمقى ياردەم پىلانى توغرىسىدا: «بۇ يېڭى بىخەتەرلىك ياردەم بولىقى يۇقىرى ھەرىكەتچان زەمبىرەك راكېتا سىستېمىسى (HIMARS)نىڭ قوشۇمچە ئوق - دورىلىرى؛ 23 مىڭ دانە 155 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەك ئوقى؛ 500 دانە 155 مىللىمېتىرلىق سەزگۈر ئىقتىدارلىق  زەمبىرەك ئوقى؛ 5 مىڭ دانە 155 مىللىمېتىرلىق تىزگىنەكلىك بىرونېۋىك يارغۇچى مىنا سىستېمىسى (ھارم)؛ 200 دىن ئارتۇق يۇقىرى ھەرىكەتچان كۆپ ئىقتىدارلىق چاقلىق بىرونېۋىك (HMMWV)؛ يىنىك تىپلىق قوراللار ۋە 2 مىليوندىن ئارتۇق يېنىك تىپلىق قورال ئوق-دورىسى ۋە داۋالاش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر