ئۇكرائىنا قىسىملىرى خېرسون رايونىدا 5 ئولتۇراق رايوننى رۇسىيە قىسىملىرىدىن قايتۇرۇپ ئالدى

ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىك رايونىدا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا 6 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1891880
ئۇكرائىنا قىسىملىرى خېرسون رايونىدا 5 ئولتۇراق رايوننى رۇسىيە قىسىملىرىدىن قايتۇرۇپ ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونېتسىك ۋالىيسى پاۋىل كىرىلېنكو ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە دونېتسىك رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 6 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 1 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىدا، خېرسون رايونىدىكى 5 ئولتۇراق رايوننىڭ رۇسىيە قىسىملىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رۇسىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن مىكولايۋ رايونىغا يوللانغان 9 كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە تەۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 29 - ئاۋغۇستتا خېرسون رايونى قاتارلىق دۆلەتنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا، رۇسىيە ئەسكەرلىرىگە قارشى ھۇجۇم  باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر