ۋىلادىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەنى ئۇكرائىنادا پۇقرالارغا قارىتا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەش بىلەن ئەيىبلەپ، «تېررورلۇق جازاغا تارتىلىشى كېرەكلىك بىر جىنايەتتۇر» دېدى.

1890694
ۋىلادىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر زېلېنسكىي تېلېگرامما ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن سىنلىق ئۇچۇرىدا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى زاپورىجيا شەھىرىگە قىلغان يېقىنقى ھۇجۇملىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

زېلېنسكىي رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ 3 - ئۆكتەبىردىن بۇيان زاپوروجياغا قىلىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، 43 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ، دونباس ۋە باشقا شەھەرلىرىگىمۇ ھۇجۇم قىلدى. ئىراندا ياسالغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇملارنى قىلماقتا» دېدى.

ئۇ يەنە رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى پۇقرالارنى ۋە پۇقرالارغا تەۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «پۇقرالارغا قارشى توختىماي تېررورلۇق قىلىشى، رۇسىيەنىڭ ھەقىقىي سۆھبەتكە قاتنىشىشنى پۈتۈنلەي رەت قىلغانلىقىدۇر» دېدى.

ئۇكرائىنا رەھبىرى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي: «تېررورلۇق جازاغا تارتىلىشى كېرەكلىك بىر جىنايەتتۇر. دۆلەت دەرىجىلىك تېررورلۇق دۇنيادا يالغۇز بىر ئادەمگىلا ئەمەس، پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتكە تەھدىت سالىدىغان ئەڭ قورقۇنچلۇق خەلقئارالىق جىنايەتلەرنىڭ بىرىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر