ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى رۇسىيە چېگراسىدىكى لوگاچېۋكا كەنتىگە ھۇجۇم قىلدى
ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسىيە چېگراسىدىكى لوگاچېۋكا كەنتىگە قىلغان ھۇجۇمىدا بىر كىشى قازا قىلدى.
1879131
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگورود رايونىنىڭ ۋالىيسى ۋىياچېسلاۋ گلادكوۋ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى لوگاچېۋكا ئولتۇراق رايونىنىڭ ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
گلادكوۋ ھۇجۇمدا 1 ئۇكرائىنا پۇقراسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 3 ئۇكرائىنا ۋە 1 رۇسىيە پۇقراسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھۇجۇم نەتىجىسىدە دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ئولتۇراق رايوندىكى ئۆي، ئاپتوموبىل ۋە ئېلېكتر لىنىيەسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.